گېرمانىيىدە خىتاينىڭ 'كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى' غا قارىتا ئىنكاسلار

2008 - يىلى 30 - دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئاخبارات ئىشخانىسى مۇدىرى ۋاڭچىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا دۆلەتنىڭ 2009 - يىللىق "كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ پىلانغا قارىتا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار مەيدانغا كەلدى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە خرىستىئان ئاخبارات جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ قىسقا ئوبزورىدا، "خىتايدىكى ئەڭ ئاساسى كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلار ھەر كۈنى، سىستېمىلىق ھالدا بۇزغۇنچىلىق ۋە ئاياغ ئاستى قىلىشلارغا ئۇچراپ كەلدى. بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك،" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.