فرانكفۇرت ئالگەمەئىنى" گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا "گېرمانىيە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك. ھىچ بولمىسا، ھەپتىلەپ بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىكىنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك" دېگەن پىكىر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.
16 - ئاپرىل كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ ئايلىق مەجبۇرىي تەتىلگە قىستىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بىر قىززىق تېمىغا ئايلاندى. ئارقىدىنلا، 17 - ئاپرىل كۈنى، خىتاينىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئۈچ ئايغىچە ۋىزا بەرمەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۇ غەلىتە تەدبىرلىرى، بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈلكىسىنى كەلتۈرگەن. تېررور ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بىر - بىرىدىن بىمەنە بۇ تەدبىرلەر، خىتاينىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.
دۇنيا گېزىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 19 - ئاپرىل كۈنى، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى رەھبەرلىرى باۋارىيە شىتاتىنىڭ باش مىنىستىرى، خرىستىيان سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ رەئىسى گۈنتھەر بەككستەئىن ئەپەندىنى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكېر بېكك ئەپەندى باش مىنىستېر گۈنتھەر بەككستەئىن ئەپەندىنىڭ 8 - ئايدا خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلىشىنى، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا توغرا كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيىدىكى مەسئۇللىرىدىن مارگارەتا بائۇسە خانىممۇ، گۈنتھەر بەككستەئىن ئەپەندىگە مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەردىنمۇ بەتتەر ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشسا، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلغان بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇمكى، مارگارەتا بائۇسە خانىم 2006 - يىلى 11 - ئايدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان مىيۇنخېندىكى خىتاي باش كونسۇلىنى جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا بەرگەن ئىدى.
19 - ئاپرىل كۈنى يەنە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قىلىچۋازلىق تۈرىدىكى دۇنيا چىمپىيۇنى ئىمكە خانىم تېلېۋىزوردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ گېرمانىيىدىكى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىۋاتقان تەنتەربىيە ماھىرلىرىنىڭ تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى ئەمەس. گېرمانىيە تەنھەرىكەتچىلىرى ئىچىدە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولماقتا.
دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، گېرمانىيىدە خىتاي ماللىرىنى رەت قىلىش دولقۇنى يەنە قوزغالغان. "گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى"نىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپلىگەن كىشىلەر خىتاي ماللىرىدىن يالغۇز سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى ياكى تەركىپىدە زەھەرلىك ماددا بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن يىرگىنىپ رەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. گېرمان زىيالىيسى ۋىئوللەتتە خانىم زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ماللىرىغا ئەمدى ھەرگىز قارىمايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق بىر نەرسە سېتىۋالسا، ئۇنىڭ خىتايدا ياسالمىغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى بىر زىيارەت قىلىشنى ئويلاپ كەلگەنلىكىنى، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇ نىيىتىدىن يانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
19 - ئاپرىل كۈنىدىكى يەنە بىر تەپسىلىي خەۋەر دىققەتنى چېكىدۇ. ئالبانىيىنىڭ "زېرا" دەپ ئاتىلىدىغان كۈندىلىك گېزىتىدە بېسىلغان "شىنجاڭ ۋە تىبەت نېمە ئۈچۈن تىنجىمايدۇ؟" ناملىق خەۋەردە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەردى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تېررور بىلەن قارىلىنىشى، پامىر ۋەقەسى، خوتەندىكى ئاياللار نامايىشى، ئايرۇپىلان بۇلاش ۋەقەسى، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە ئىككى تېررور گۇرۇپپىسىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى قاتارلىق يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار زور ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن.
"دۇنيا گېزىتى"نىڭ 19 - ئاپرېلدىكى خەۋەرلىرىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بېرلىندا خەلقئارالىق بىر پائالىيەت ئويۇشتۇرىدىغانلىقىدىن ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بېرلىنغا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلىقىدىنمۇ مەلۇمات بەرگەن.
يېقىندىن بۇيان گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا تىبەتلىكلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت خەۋەرلەرمۇ كۈندە دېگۈدەك كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گېرمانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا ھەم گېرمانىيە پارلامېنتىدا تىلغا ئېلىنىپ تۇرماقتا.