جۈملىدىن 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، د ئۇ ق باش شىتابى ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە "مەھمۇت قەشقىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى" ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىگە 7 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ۋە ئاتا - ئانىلار ئىشتىراك قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھاياتى، ئىجادىي پائالىيەتلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى "تۈركىي تىللار دىۋانى" تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلدى. بۇ پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قەلبىدە زور ھاياجان قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا كۈچلۈك مىللىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇن ئەپەندى، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
د ئۇ ق نىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى 2005 - يىلى قۇرۇلغان "ئالىپتېكىن تەلىم - تەربىيە مەركىزى"نى يادرو قىلغان ھالدا، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا مىللىي تەربىيىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە ئىسلام دىنى بىلىملىرى بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئەۋلادلارنى مىللىي روھ، مىللىي ئىرادە ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت بىلەن يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم مەجبۇرىيەتلىرى قاتارىغا قويغان ھەم بۇنىڭ بەلگىلىك نەتىجىلىرىنى كۆرگەن.