گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا خىتاي ماجراسى

بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى، گېرمانىيىدىكى خىتاي يازغۇچىسى چوڭ ۋېيگۇئاڭ، ۋاڭ روڭفېن قاتارلىق سەككىز نەپەر خىتاي زىيالىيسى گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئوچۇق خەت يوللاپ، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى خىتايچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

0:00 / 0:00

شىكايەتتە، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دەنخوڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ماسلىشىپ، تەتۈر تەشۋىقات تارقىتىۋاتقانلىقىنى پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلاپ، پارلامېنتتىن رادىئونىڭ خىتايچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ ئوچۇق خەت گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، تۈرلۈك خەۋەرلەردىن سىرت "فوكۇس"، "ئەينەك" قاتارلىق داڭلىق سىياسىي ژۇرناللاردا ھەر خىل ئىنكاسلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماي، گېرمانىيە پارلامېنتى خادىملىرى ۋە گېرمانىيىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى تارتقان.

ھەق پىكىر قوللاشقا ئېرىشىدۇ

"ئەينەك" ھەپتىلىك جورنىلى تور بېتىنىڭ 24 - سىېنتەبىردىكى "خىتاي تەشۋىقاتى" ناملىق مۇلاھىزىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئوچۇق خەتكە گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى 59 نەپەر ۋەكىل ئىمزا ئاتقان.

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىمرە كەرتېز، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مارىيو ۋارگاس، باخمان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لۇتىز زايلېر ۋە مەشھۇر گېرمان يازغۇچىلىرىدىن رالىپ گىئوردانو ھەم ئارنۇلف بارىڭ قاتارلىقلارمۇ بۇ خەتنى قوللاپ ئىمزا ئاتقان.

ئۆز ئىچىدە خىتايدەك دىكتاتور كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇ سەتچىلىكنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە كەڭ يېيىلىپ كەتكەنلىكى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىغا چوڭ بىر زەربە بولغان.

خىتاي مۇخبىر ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدىن ئانسگار بۇرغوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنتنىڭ بېسىمى، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى بۇ كۈچلۈك ئىنكاسلارغا قارىتا، رادىئو رەھبەرلىكى دەسلەپكى قەدەمدە خىتايچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دەنخوڭنىڭ مۇدىرلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغان. ئۇنىڭ دىكتورلۇق خىزمىتىنى ۋاقتىنچە ساقلاپ قالغان.

جاڭ دەنخوڭنى داۋاملىق ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى كېيىن قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ خىتاي ئايالغا نىسبەتەن، رادىئو خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچىنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكى ئوچۇق ئىزاھلانغان.

جاڭ دەنخوڭنىڭ خاتالىقى

30 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ ئابرويىنى تۆككەن خىتاي مۇخبىر جاڭ دەنخوڭ زادى قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن؟

خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئوچۇق خەتتە، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى خىتايچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دەنخوڭنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك خاتالىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خاتالىقلار ئەينى پاكىتلىرى بىلەن دەلىللىگەن.

تەتۈر تەشۋىقات

بۇلارنىڭ بىرى، جاڭ دەنخوڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئالدىدا ۋە ئولىمپىك جەريانىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، كۆپ قېتىم تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا، رادىئونىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان. ئاق - قارىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن. مەسىلەن، ئولىمپىك مەزگىلىدە، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا كەڭ ئەركىنلىك بېرىلىدىغانلىقىنى ئاساسسىزلا كەڭ تەشۋىق قىلغان ۋە خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن گېزىت - ژۇرناللار ھەمدە شەھۋانىي ئەسەرلەرنى خىتايدا سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئاشكارە تەرغىپ قىلغان.

ئالدامچىلىق

ئىككىنچىسى، جاڭ دەنخوڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاش مەقسىتىدە يالغان، ئويدۇرما خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، غەرب كىشىلىرىنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى ئالدىغان. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزگەن. ئۇ ئېلان قىلغان "شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى، خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرى" دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى ئېنىقلانمىغان.

خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان خەۋەر ئورگانلىرى، ئەكسىچە جاڭ دەنخوڭ ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلار خەۋەرنىڭ مەنبەسىگە "گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدىن ئېلىندى" دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ خەۋەرلەرنىڭ ساختا خەۋەرلەر ئىكەنلىكى كېيىن ئاشكارىلىنىپ قالغان.

ئۆكتەملىك

ئۈچىنچىسى، جاڭ دەنخوڭ رادىئودىكى مۇئاۋىن مۇدىرلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى شەخسلەرنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى كۈچلەرنىڭ ۋە بىتەرەپ خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ خەۋەر، ماقالىلىرىنى كۆپ قېتىم باستۇرۇپ قويغان.

دىتىغا ياقمىغان پىكىرنى ياكى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى خالىسا بېرىپ، خالىمىسا بەرمەيدىغان ئۆكتەملىكىنى داۋاملاشتۇرغان.

سىياسىي سالاھىيىتىدىكى گۇمان

تۆتىنچىسى، جاڭ دەنخوڭنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى گۇمانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانداقلىقى ئېنىق ئەمەس. ئۇ خالىغاندا خىتايغا بېرىپ - كېلىپ تۇرغان. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ زىياپەتلىرىگە قاتناشقان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بىر مۇخبىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپكە بىنائەن ئېيتقاندا، جاڭ دەنخوڭنىڭ قىلمىشلىرى ئادىللىققا ياتمايدۇ، بىتەرەپلىككە توغرا كەلمەيدۇ، توغرا - دۇرۇس ئىش ئەمەس، دېيىلگەن.

كومپارتىيە مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش

ئوچۇق خەتتە يەنە، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى خىتايچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋەرلىرىنىڭ ئىنتايىن پاسسىپ ئىكەنلىكى، بەرمىسىمۇ بولىدىغان خەۋەرلەرنىڭ زورلاپ بېرىلىپ، بېرىشكە تېگىشلىك خەۋەرلەرنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقى ياكى ۋاقتىدا بېرىلمەيدىغانلىقى پاش قىلىنغان ھەمدە جاڭ دەنخوڭنى " خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇردى" دەپ ئەيىبلىگەن.

بۇ ئەيىبلەشلەرگە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى خىتايچە بۆلۈمىنىڭ تور بېتىمۇ قىستۇرۇلغان. بۇ تور بېتىدىن ئۆرنەكلەر ئېلىپ، جاڭ دەنخوڭنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان.