گېرمانىيىدە قۇربان ھېيت ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى 27 - نويابىر كۈنى گېرمانىيە ۋە قوشنا ئەللەر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ميۇنخېندا ئېلىپ بارغان قېرىنداشلىق، دوستلۇق ئۇچرىشىشى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.12.02
Dulqun-eysa-Girmaniye-yashlar-qurban-heyt-yighilishida-sode-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 27 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ - ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
www.hantengri.blogspot.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت، د ئۇ ق چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان ۋە ئالدى بىلەن 5 - ئېيۇل شېھىدلىرى روھىغا قۇرئان - تىلاۋەت قىلىنغان. پائالىيەت جەريانىدا يەنە، ميۇنخېندىكى ياشلار مەشرىپى تەرىپىدىن ياش - ئۆسمۈرلەرگە ھېيتلىق سوۋغا تەقدىم قىلىش ھەمدە نەتىجە ياراتقان ئىلغار ياش - ئۆسمۈرلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، مۇكاپاتلاش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىلالىدىن ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغانلىقىنى، بارلىق جامائەتنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پائالىيەت مەزگىلىدە، غەرب دېموكراتىك ئەللىرى، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ب د ت نىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئالدىن ھازىرلانغان نارازىلىق خەتلىرى پائالىيەت ئەھلىگە تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئايرىم - ئايرىم ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 02, 2009 03:15 PM

ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺴﻪﻟﮕﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ،ﯪﻟﻼ ﯴﺯ ﭘﺎﻧﺎﻫﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻱ yiltiz2002@hotmail.com