گېرمانىيىدە قۇربان ھېيت ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى 27 - نويابىر كۈنى گېرمانىيە ۋە قوشنا ئەللەر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ ميۇنخېندا ئېلىپ بارغان قېرىنداشلىق، دوستلۇق ئۇچرىشىشى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى پائالىيەت، د ئۇ ق چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان ۋە ئالدى بىلەن 5 - ئېيۇل شېھىدلىرى روھىغا قۇرئان - تىلاۋەت قىلىنغان. پائالىيەت جەريانىدا يەنە، ميۇنخېندىكى ياشلار مەشرىپى تەرىپىدىن ياش - ئۆسمۈرلەرگە ھېيتلىق سوۋغا تەقدىم قىلىش ھەمدە نەتىجە ياراتقان ئىلغار ياش - ئۆسمۈرلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، مۇكاپاتلاش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىلالىدىن ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغانلىقىنى، بارلىق جامائەتنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پائالىيەت مەزگىلىدە، غەرب دېموكراتىك ئەللىرى، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ب د ت نىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئالدىن ھازىرلانغان نارازىلىق خەتلىرى پائالىيەت ئەھلىگە تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئايرىم - ئايرىم ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.