ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ، ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتاردا بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدە ئەڭ نورمال دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقىمۇ ئامالسىز قېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا بولغان سېغىنىش ۋە گۈزەل ئىستەكلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.

0:00 / 0:00

ئىپتاردا يەنە جامائەت تۈركىيىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان مەمەت تۇرسۇننىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۈر ئىپتار ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.