ميۇنخېندا '26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى' ۋە '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ھەم ميۇنخېن چوڭلار مەشرىپى بىرلىكتە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا خەتمە قۇرئان ئوقۇش، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتايغا قارشى نامايىش ۋە باشقا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ميۇنخېندىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئالدى بىلەن دىنىي زاتلار تەرىپىدىن 30 پارە قۇرئان تولۇق ئوقۇپ تاماملىنىپ، شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بارىدىغان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرى توغرىلىق ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى توغرىسىدا پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىنتايىن دەھشەتلىك بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قانخورلۇقىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.