گېرمانىيىدە 6 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق 6 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگىنىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، نامايىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىگە باغلاپ، نۇرغۇن ياشلىرىمىزنى قولغا ئالدى. ئەسلىدە جاۋابكار ئۆزلىرى تۇرۇقلۇق، نامايىشچىلارنى جازالاشنى باشلىدى. بىز خىتاينىڭ قىلمىشىنىڭ بىر قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرىشىمىز كېرەك، ئەگەر دۇنيا بۇ ئۆلۈم جازالىرىغا ئىنكاس قايتۇرمىسا، خىتاي تېخىمۇ غالجىرلىشىدۇ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ؛ شۇڭا بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش، خىتايغا 'توختا' دېگۈزۈش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى قىلىۋاتىمىز."

نامايىشچىلاردىن ئۈمىت ئاگاھى ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارىسىزلىك ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا، پاجىئەنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىش ۋەزىپىسى چۈشكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇ ھەم مىللىي ھەم ئىنسانىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇ نامايىشقا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.