بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتكە 600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە گېرمان تاماشىبىنلىرى قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئائىت نومۇرلارغا كۆپرەك ئورۇن بەرگەن بولۇپ، بەزى نومۇرلارنى كۆرگەن تاماشىبىنلار كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالمىغان.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئەسلىتىشتە كۆپ ئىجابىي ئۈنۈم ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، چەتئەللىك تاماشىبىنلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەنئەت نومۇرلىرىغا ۋە خىتاي زۇلۇمىغا قارىتا بەرگەن باھالىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نورۇز پائالىيىتىگە كۆپلىگەن چەتئەللىك تاماشىبىنلاردىن سىرت، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كونسۇللىرىمۇ كېلىپ قاتناشقان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.