بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بېرلىندىكى باش ئەلچىسى قاتارلىقلارنىڭ "ئەينەك" جۇرنىلىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بوشۈن تورى 16 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە يېزىلىشىچە، 2007 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى "ئەينەك" جۇرنىلى "سېرىق جاسۇس" تېمىسىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلغان. بۇ ئوبزور گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىززەت - غۇرۇرىغا قاتتىق ھاقارەت بولۇپ تەككەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ، ھەتتا خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، "ئەينەك" جۇرنىلى يەنە بىر قېتىم خىتايلارنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشىنى پاش قىلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىدە ئاز دېگەندە 20 دىن 50 قەدەر خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى "دۇنيا گېزىتى" مۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان 32 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىدىنلا گۇمانلىنىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭ بىلەن گېرمان پۇقرالىرىنىڭ ئېڭىدا خىتاي ئاتلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەممىسىنىلا جاسۇس، دەپ قارايدىغان تۇيغۇ شەكىللەنگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى گېرمان پۇقرالىرى شۇنداق دېگەن: "تالىبانلار ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولغاچ، گېرمانىيە ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ئۇلارنى يوقىتىۋاتىدۇ. بىراق، شەرقىي تۈركىستانچىلار ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىلىقنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك قىممىتى بار."
خەۋەردە يەنە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈستىدىن گېرمانىيە پارلامېنتىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا شىكايەت قىلىپ، بۇ بۆلگۈنچى تەشكىلاتقا بېرىلىۋاتقان ماددىي ھەم مەنىۋى ياردەملەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايلارنى كەمسىتىش، خىتايلاردىن گۇمانلىنىش ۋە ئۇلارنى ئاشكارا مەسخىرە قىلىش گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي خاھىشى بولۇپ، خىتايلارغا قارشى گېرمان مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر خىتاي مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى قاتتىق خۇنۈكلەشتۈرگەن.
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب يەرمەنكىسى توغرىسىدا گېرمانىيە 2 - تېلېۋىزىيە قانىلى ئىشلىگەن پروگراممىدا، دىكتور مارتېن ئەپەندىم خىتايلارنى ئاشكارا مەسخىرە قىلغان كۆرۈنۈشنى تاماشىبىنلار نەزىرىگە سۇنغان. مارتېن ئەپەندىم ھېچ ئىككىلەنمەي "بۇ خىتايچە كىتابلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنى غەربلىكلەرگە مەنسۇپ، خىتايلار بۇنى كۆچۈرۈپ بېسىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان" دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان. بۇ پروگرامما باشقا قاناللاردا كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلىپ، خىتايلارنىڭ ئىناۋىتىنى قاتتىق يەرگە ئۇرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي باش ئەلچىسى، ھەتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ت ۋ قانىلىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ سالمىقى تور بەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، گېرمان پۇقرالىرى ھېچقانداق خىتايغا ئىشەنمەسلىكنى ۋە مۇھىم تېخنىكىلىق ئورۇنلاردا پراكتىكا قىلدۇرماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان پىكىرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلغان.
بولۇپمۇ، 4 نەپەر خىتاي جاسۇسىنىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلغانلىقى مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر تېما بولۇپ، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە بەكرەك قىزىقماقتا. ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۇ 4 نەپەر جاسۇسنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، د ئۇ ق خادىملىرى گېرمانىيە ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورۇنلىرىغا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان.
