تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى پالاۋ گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

سەيشەنبە كۈنى بەزى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىدىن پالاۋنىڭ، گۇەنتانامودىكى 17 ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتتى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن

پالاۋنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىىتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىOpens in new window ]

بىلەن ئالاقىلاشتۇق، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پالاۋ باش ئەلچىسى خېرسىي كيوتا ئەپەندى، پالاۋ پرېزىدېنتىنىڭ بۇ 17 نەپەرنى قوبۇل قىلىشنى بىر ھەپتە ئىلگىرى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە

پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭOpens in new window ]

بۇ قارارنى ئېلىشىغا نېمىلەر سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئوباما ھۆكۈمىتى ئۈچۈن گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشتىن ئىبارەت زور پىلانىنىڭ مۆلچەرلىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشىدا گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئىزچىل مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

گۈەنتانامودا تۇرۇۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گەرچە تۆت يىل ئىلگىرىلا تېررورچى ئەمەسلىكى ھەتتا دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەسلىكى، پەقەت خاتا جايدا، خاتا پەيتتە تۇرۇپ قالغانلىقى ئېنىق بولۇپ ئاقلانغاندىن كېيىنمۇ،خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتى خەۋپتە قالىدىغانلىقى، ئامېرىكا قانۇنى بويىچە ئۇلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ قېلىش مۇمكىن بولماسلىقى،باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولسا خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىدەك مۇرەككەپ جەريانلار مەزكۇر مەسىلىنى دۇنيا ئاخباراتىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى.

تېخى بىر ھەپتە ئىلگىرىلا ئاۋستىرالىيىنىڭمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش نىيىتىدىن يانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئۈمدسىزلەندۈرگەن ئىدى، بۇنىڭ ئالدىدا كانادا، گېرمانىيە ۋە يەنە بىر قانچە ياۋرۇپا ئەللىرى ئوخشاشلا ۋەدىلىرىدىن يېنىشقان ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە بەزى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىدىن بولغان پالاۋنىڭ بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۈلھىلىشىۋاتقانلىقى ھەمدە پالاۋنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىتىلدى.

بىز بۇ خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلاش ھەمدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن پالاۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، پالاۋنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خېرسېي كيوتا (Hersey Kyota ) ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

باش ئەلچى خېرسېي ئەپەندى، پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ چىنلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىوڭ (Johnson Toribiong) جانابلىرىنىڭ مەزكۇر قارارنى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ پالاۋ زىيارىتى داۋامىدا ئالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، تېخى تەپسىلىي ھۆججەتلەر تەييارلىنىۋاتقان باسقۇچ بولغاچقا رەسمىي ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى، ئەمما پالاۋ پرېزىدېنتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىنمۇ پەخىرلىنەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

خېرسېي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا قاچان، قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ھۆججەت چۈشمىگەن، شۇنداقتىمۇ ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋغا كەلگەندە تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئاخباراتلاردا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇرنى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پالاۋ ھۆكۈمىتىگە 200 مىليون ياردەم سوممىسى ئاجرىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

بىز ئەلچى خېرسېي ئەپەندىدىن، پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، پالاۋنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىدا ئامېرىكىنىڭ ياردەم سوممىسىنىڭ رولى بار ‏ - يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، خېرسېي ئەپەندى " ئاخباراتلاردا قەيت قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ پالاۋغا 200 مىليون بېرىشنى ۋەدە قىلغانلىقى ھەققىدە خادىملىرىم بىلەن بايا تېخى مەخسۇس يېغىن ئاچقان ئىدۇق، ئېنىق قىلىپ ئېيتىمەنكى، بۇ ئارىدا ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەۋجۇت ئەمەس، مەلۇم ساندا مەبلەغ بولغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 17 نەپەر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆي قۇرۇپ بېرىش، ئۇلارنى مەكتەپ ياكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەلۇم مەبلەغ بولۇشى مۇمكىن.

17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرىنچىسى، ئامېرىكا بىلەن پالاۋنىڭ ئالاھىدە يېقىن ھەم چىڭ دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بار، ئامېرىكا دۆلىتىمىز مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ تەرەقىقياتىمىزغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ دۆلىتىمىز ئامېرىكىنىڭ ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مەبلەغ تۈرلىرى يۈرۈشمەكتە.

ئالاھىدە دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىمىز سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشتا يولۇقۇۋاتقان مەسىلىسىگە ياردەملىشىش يۈزىسىدىن بۇ قارارنى ئالدۇق، ئىككىنچى بىر تەرىپى، بۇ ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، خەتەرلىك كىشىلەرمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ بىگۇناھلىقى ئېنىقلانغان. ئۇلار پەقەت خاتا پەيتتە، خاتا جايدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا گۈەنتاناموغا سولىنىشقا مەجبۇر بولغاچقا بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق، يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بولسا، ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز زۆرۈر، چۈنكى سىز بىلگەندەك بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆلتۈرۈلۈشى، قاتتىق جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىن، باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ، بۇ ئۇيغۇرلار ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، ئاقلانغان بولغاچقا بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى توغرا كۆردۇق.

خېرسىي ئەپەندىدىن بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرغا پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق سالاھىيەت بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى سورىدۇق، خېرسېي ئەپەندى جاۋاب بېرىپ " بۇ ئۇيغۇرلار پالاۋدا پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدۇ، بىز ھېچقانداق سولاق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جايلاردا تۇرغۇزمايمىز، ئۇلار خالىغانچە ئىش تاپسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ۋە پالاۋ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىشى،تۇرمۇشى ۋە باشقا جەھەتلەردە مۇقىملىشىشىغا ياردەم قىلىدۇ، ئۇلار پالاۋدا مەڭگۈ تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەمما پالاۋ پۇقرالىقى بېرىلمەيدۇ، ئۇلارغىلا ئەمەس، پالاۋدىكى يەرلىك مىللەت قېنى بولمىغان ھەر قانداق كىشىگە ھۆكۈمىتىمىز پۇقرالىق بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلار بىرەر قانۇنغا خىلاپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن خالى بولسىلا، پالاۋدىكى 21 مىڭ خەلققە ئوخشاش ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىدۇ،" دېدى.

پالاۋ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى 250 ئەتراپىدىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ 1994 - يىلى مۇستەقىل بولغان. دۆلەتنىڭ زېمىنى 489 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، 21 مىڭ نوپۇسقا ئىگە ئارال دۆلەت. 70% نوپۇس پالاۋ پايتەختى جايلاشقان كورور ئارىلىدا ياشايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ئاساسەن ساياھەتچىلىك ھەم بېلىقچىلىقتىن كىرىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپتىكى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا.

پالاۋغا جۇغراپىيە جەھەتتىن يېقىن دۆلەتلەر فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار، بۇ دۆلەتتە يەرلىك مىللەت پالاۋئانلاردىن باشقا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆچۈپ كەلگەن كۆپ ساندا ياپونلار ۋە ئىنگلىزلار، يەنە بىر قىسىم خىتايلارمۇ بار بولۇپ، پالاۋئان تىلىدىن باشقا ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىمۇ ئاساسلىق تىللار ھېسابلىنىدۇ.

پالاۋ دېڭىز ساياھەتچىلىكىدە دېڭىزنىڭ سۈزۈكلۈكى، ئاجايىپ ‏ - غارايىپ دېڭىز ئاستى مەخلۇقلىرىغا باي بولۇشى، گۈزەللىكى بىلەن يېشىل ياقۇت دەپ تونۇلغان ئارال دۆلەت، تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن ئورالغان، ئىنتايىن ساپ ۋە گۈزەل مۇھىتقا ئىگە، گەرچە تېررىتورىيىسى كىچىك بولسىمۇ، ئاجايىپ زور دېڭىز ئاستى دۇنياسى ھەم ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەر، بولۇپمۇ باشقا جايدا تاپقۇسىز رەڭدار دېڭىز ئاستى مارجانلىرى دۇنيا ساياھەتچىلىرىنى، دېڭىز - ئوكيان تەتقىقاتچىلىرىنى شۇنداقلا تەرەقىقي قىلىدۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، بىر قىسىم چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ.

پالاۋ باش ئەلچىسى خېرسېي ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاڭلىتىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، پالاۋنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ، " دۆلىتىمىز ئىنتايىن گۈزەل، بەكمۇ تىنچ بىر دۆلەت،" دېدى. شۇنداقلا پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرچە تەيۋەن بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن ھېچقانداق دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.