گوگۇل دېرىكتورى: خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېتنى توسۇپ بولالمايدۇ

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى Erick Schmidt ئوتكەن چارشەنبە كۈنىدىكى بىر يىغىندا، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توساقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېتنى توسۇپ بولۇشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بىر قىسىم خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى ئارىسىدا، ئىنتېرنېت توسۇقىنى بىكار قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى، دۇنيادىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلەردىن بىرىدۇر؛ ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەنە دۇنيادا، ئازادلىققا ئىنتىلگۈچى مەھكۇم مىللەتلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇۋاتقان تىمىلاردىن بىرىدۇر. مانا بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئەرك شىمىتنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى سۆزلىرى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئەرك شىمىت چارشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە، خىتاينىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئىنتېرنېتنى توسۇپ بولالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرزىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئەرك شىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە قول تېلېفون ئارقىلىق ئىنتېرنېتكە چىقىش ئومۇملاشماقتا. قول تېلېفون ئارقىلىق ئىنتېرنېتكە چىقىشنىڭ كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئىنتېرنېتكە چىقىشقا قارىغاندا بىر قاتار ئەۋزەللىكلىرى بار بولۇپ، بۇ ئەۋزەللىكلەر ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى، ھۆكۈمەتنىڭ توساقلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۆزلىرى خالىغان تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ۋە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئىنتېرنېتنى توسۇپ بولالمايدۇ. تۈنۈگۈن خىتايدىكى تور ئوبزورچىلىرىدىن جاڭ جىنجاۋ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا سۆز قىلىپ، ئەرك شىمىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بارلىقىنى، يەنى كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە سۈرئىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن تېز ئىلگىرىلەش بولىدىغىانلىقىنى، ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر-ئالاقىنى چەكلەش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگىچە، خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئەرك شىمىت تەخمىن قىلغاندەك دەرىجىدە ياخشىلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ تېخنولوگىيە مەسىلىسىلا ئەمەس، ئىدېئولوگىيە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەرك شىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا كومپىيۇتېر قوللانغۇچىلىرىنىڭ سانى 420 مىليون بولۇپ، بۇنى تەخمىنەن 30 مىڭ بىلەن 50 مىڭ ئارىسىدىكى ئىنتېرنېت ساقچىلىرى نازارەت قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ؛ خىتايدىكى قول تېلېفون قوللانغۇچىلىرىنىڭ سانى 800 مىليون، بۇ سان پات ئارىدا بىر مىلياردقا يېتىشى مۇمكىن. 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسىىنى نازارەت قىلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. جاڭ جىنجاۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىرقى پەيلىدە، ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىقتىسادىي بەدەلدىن ئۆزىنى تارتماسلىقى ۋە ھەر قانداق ئەخلاقىي يولسىزلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى مۇمكىن. خىتاينىڭ 5 ‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىنتېرنېتنى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىشى، قول تېلېفوندا ئۇچۇر يوللاشنى پۈتۈنلەي توختىتىشى، مانا ئېھتىماللىقنىڭ قۇۋەتلىك پاكىتلىرى.

بىز بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكرىنى ئىگىلىدۇق. ئامېرىكىدىكى كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەھەممەتجان ئەپەندى بىزگە مۇنداق مەلۇمات بەردى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتا 50 يىلدىن بېرى ئاساسلىقى ئۇچۇر-ئالاقىنى كونترول قىلىشقا تايانغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ جەھەتتىن ئويغىنىشنى، ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىشىنى ۋە ئۆز ‏- ئارا تەشكىللىنىشىنى توسۇپ كەلگەنلىكىنى، ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىي قورالنىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرگە يېڭىدىن بىر چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ تۈردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېتنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئومۇملىشىشى، ئەركىنلىشىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دۇنياۋىي بىر ئېقىم، بۇ ئېقىم بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا داغدام يول ئېچىپ بېرىش قۇدرىتىگە ئىگە.

بىز بۇ ئېقىمنىڭ تېخنىكىۋىي مۇمكىنچىلىكلىرى ھەققىدە مەھەممەتجان ئەپەندىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. مەھەممەتجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تېخنىكا ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىشلەر بولۇۋاتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇنى چەكلەشنىڭمۇ تېخنىكىلىرى ئۈستىدە تەتقىقاتلار بولۇۋاتىدۇ. قاچان، قايسى تەرەپنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى تەخمىن قىلىش تەس؛ ئەمما دۇنيادا، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ سانى ۋە قۇدرىتى ؛ ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنىڭكىدىن مۇتلەق ئۈستۈن. شۇڭا ئاخىرقى ھېسابتا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.