گۆھەر مەمەت ئاتا-بالىنىڭ ئېچىنىشلىق رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

گۆھەر مەمەت ئەرزدارلار سېپىگە قېتىلغاندىن كېيىن، ئۆز مىللىتىنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ بىلگەن ۋە يېقىندىن تونۇغان.

0:00 / 0:00

نەتىجىدە ئۇ ئۆز ئەرزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ئايرىم ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىمۇ ئۆز ئەرزىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. ئۇ يېقىندا ئىككى دوستى بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ياۋرۇئاسىيا يەرمەنكىسىگە كەلگەن چەتئەللىكلەرگە ئۆز خەلقىنىڭ دەرد ۋە شىكايەتلىرىنى ئاڭلىتىشقا ئۇرۇنغان.

مۇشۇ جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرىمۇ قېتىلىپ سۆز قىلغان. گۆھەر مەمەت ئىنتېرنېتتا تارقالغان ئاتا-بالىنىڭ ئېچىنىشلىق رەسىمىنى كۆتۈرۈپ يىغىن زالىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان. ئۇ يەنە بىر قولىدا بىر دەستە گۈلمۇ تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇ نۇر بەكرىگە بىر دەستە گۈل بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر ئاتا-بالىنىڭ رەسىمىنىمۇ سۇنماقچى بولغان. بىراق خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ يىغىن زالىغا كىرىشىگە يول قويمىغان.

بىز زاۋۇت رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، گۆھەر مەمەتنىڭ، يىغىن زالىغا كىرمەكچى بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېچىنىشلىق رەسىمنى كۆتۈرۈپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.