بۇ شوپۇرمۇ گۆھەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ھاقارەت قىلغان. گۆھەر بۇ ۋەقەنىمۇ ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغان. گۆھەر ساقچىلاردىن ۋەقەگە قارىتا جىددىي بىر پوزىتسىيىنى بايقىمىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى رادىئومىزغا مەلۇم قىلدى. گۆھەر سۆزىدە بۇ تۈر ۋەقەلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقىنى، ئەگەر ۋەزىيەت تۈزىتىلمىسە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىنمۇ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈپ قويۇش نىيىتىنى ئىپادىلىدى.
گۆھەر مەمەتنىڭ دوستلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇنى كېچە-كۈندۈز ئۇيقۇسىز قويۇۋاتقان نەرسە، يالغۇز ئۆزى دۇچ كەلگەن ھاقارەتلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، ئۆزى ۋە زامانداشلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ مىللىي كەمسىتىشلەرنىڭ كەلگۈسى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا مىراس قېلىش ئېھتىماللىقىدۇر. دوستلىرىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ داۋادىن ۋاز كەچمەسلىكى، يولىدىن يانماسلىقى يالغۇز ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە راست گەپ قىلىشتا، ھەقنى سۆزلەشتە، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشتا بىر ئۈلگە يارىتىش ۋە بىر يول ئېچىش ئۈچۈندۇر.