يېقىندا پولات زاۋۇت رەھبەرلىرى ھەرقايسى سېخلاردا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، گۆھەر مەمەتنىڭ جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا زىيانلىق سۆز تارقىتىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە ئۇنى ھەر خىل يېتەرسىزلىكلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئىشچىلارنى گۆھەر مەمەت بىلەن پىكىرلەشمەسلىك ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان. بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زاۋۇتنىڭ يەنە بىر ئىشچىسى، زاۋۇتنىڭ گۆھەر مەمەت ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىللىي كەمسىتىش ۋەقەلىرى، ئۇيغۇر ئېلى ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلار ھاياتى ئۈچۈن يېڭى ئەھۋال ئەمەس. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەشمۇ ئۇيغۇرلار كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى. گۆھەر مەمەت ئەنە ئاشۇ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەشتە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان، خەتەرگە كۆكرەك كېرىپ، يولىدىن يانمىغان، ئىرادىسى بوشاشمىغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خانىملىرىدىن بىرى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ كۈرەش يولىدىن ھېچقانداق بىر قانۇنىي ئاجىزلىق تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىندا ئىنتىزام جازاسى بېرىپ، بىر ئايلىق مائاشىنى توختاتقان. ئۇنىڭ ئامما ئارىسىدا ئىناۋەت تېپىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ جامائەت ئىچىدىكى ئوبرازىغىمۇ قەست قىلىشقا باشلىغان. ئۆتكەن ھەپتە زاۋۇت رەھبەرلىرى ھەرقايسى سېخلاردا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، بىر تەرەپتىن گۆھەر مەمەتنىڭ مىللەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭغا ئەقلىي ۋە پسىخىك جەھەتتىن بەتنام چاپلاپ، ئىشچىلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشماسلىق، پىكىرلەشمەسلىك ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئەمما ئىگىلىشىمىزچە، زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، زاۋۇتنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمىگەن ۋە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلمىغان. ئالدىنقى كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پولات زاۋۇتنىڭ بىر ئىشچىسى، گۆھەر مەمەتنىڭ كۈرىشىنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۆھەر مەمەت ئۆزىنىڭ ھەرخىل سۇيىقەستلەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىنى خېلى بۇرۇنلا تەخمىن قىلغانلىقىنى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك بەتناملىرىغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىزمەتتىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، مىللىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ يولدا ئۆزىنى يالغۇز دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.