شائىرە گۆھەر مەمەتنىڭ يېزىقچىلىق ۋە ئائىلە ھاياتى ئۈستىدە ئېيتقانلىرى

شائىرە گۆھەر مەمەت مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلغان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلىغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ئاسارەت بىلەن تەڭ باشلانغان. بۈگۈنگە قەدەر بۇ كەمسىتىشكە قارشى سورۇن-سورۇنلاردا شىكايەت ۋە قاقشاشلار بولغان؛ ئۈزلۈكسىز ھالدا جېدەل ۋە توقۇنۇشلار بولغان، ئارىلاپ-ئارىلاپ شېئىر ۋە ھېكايىلەر يېزىلغان؛ كۆپ قېتىملاپ ئىسيان ۋە ئىنقىلابلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش ۋە بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاش بەلكىم تۇنجى قېتىمدۇر. مانا بۇ تۇنجى قەدەمنى باسقان كىشى ئۈرۈمچى پولات تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، شائىرە گۆھەر مەمەتتۇر. بىز ئاۋۋالقى پروگراممىلىرىمىزدا، گۆھەر مەمەتنىڭ ئەرز ھېكايىسى ۋە ئەرز سەپىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ۋە ئائىلە ھاياتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز.