مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھاۋاغا قويۇۋېتىلگەن «گۆكتۈرك 2» دىن كەلگەن تۇنجى سىگنال سائەت 19:39 دا نورۋېگىيىدىكى ترۆمسودىن قوبۇل قىلىندى. «گۆكتۈرك 2» دىن قوبۇللانغان تۇنجى سىگنال ئۇنىڭ يەر يۈزى بىلەن نورمال ئالاقىنى باشلىغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات جەمئىيىتى ئالەم تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋەكىلى تامەر بەشەر ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا سۈنئىي ھەمراھنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ سىناقتىن ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەشەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سۈنئىي ھەمراھ ئەتە سەھەردىن باشلاپ نورمال خىزمىتىنى باشلايدىكەن.
«گۆكتۈرك 2» نىڭ قويۇۋېتىلىش جەريانى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە تۈرك ئالىملار تەرىپىدىن ئەنقەرەدە بىرلىكتە كۆزىتىلدى.
بۇ خۇشاللىق پەيتتە سۆز قىلغان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «بىر ئارزۇنى كۆڭلىمىزگە پۈكتۇق ۋە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇردۇق. شۇ تاپتا تۈركىيە دۆلىتىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن تارىخىي بىر پەيتنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. گەرچە بۇرۇنمۇ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن بولساقمۇ، ئەمما بۈگۈن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەن «گۆكتۈرك 2»
ناملىق سۈنئىي ھەمراھ بىزنى بۇ ساھەدە قورقماي گەپ قىلالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئەمدى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ دۇنيادىكى ئۆز سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆزى ياسىيالايدىغان 25 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى» دېدى.
«گۆكتۈرك 2» ناملىق تۈرك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقىلىش بىلەن تەڭ چەتئەلدىكى پائالىيەتچى ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەردىن تۈركلەرگە ئوخشاش ھاياجانلانغان بولسىمۇ ئەمما، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەندىشىگە چۈشتى.
ئۇلارنىڭ كاللىسىدا «تۈركىيە زادى نېمە ئۈچۈن خىتاينى تاللايدۇ، ئەجەبا باشقا سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرالايدىغان دۆلەت يوقمۇ؟ «گۆكتۈرك2» نىڭ ئۇچۇشى تۈركلەر بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇۋېتەرمۇ؟ خىتاينىڭ تۈرك سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتىگە قانداق سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلەر؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
بىز بۇ سوئاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا، تۈركىيىنىڭ خىتاينىڭ تاللىشىدا ئىقتىسادىي ئامىلنىڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.