گوللاندىيىدە "ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى" قۇرۇلدى

2010-يىلى 20-نويابىر گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار يىلدا بىر كېلىدىغان قۇربان ھېيت بايرامنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، "ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى" قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. پائالىيەت ئىشتىراكچىسى "قېرىنداشلار بۈگۈن بىز ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىككى ئىش بولدى." دېدى.

0:00 / 0:00

پائالىيەت ھارلىم شەھىرىدىكى بىر جامەدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى "ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى" ئۇزۇندىن بىرى گوللاندىيىدىكى دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىملارغا رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەت بولۇپ، نەچچە يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبىتى بىلەن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دىنىي تەلىم بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۇ قېتىم "ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى" رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ تەشكىلات ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە قىلىدىغان خىزمەتلىرى ۋە غايە-مەقسەتلىرى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇر بەردى.

پائالىيەت قىزغىن كەيپىياتتا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بولۇپ، تۈركىيىدىن كەلتۈرۈلگەن كىتابلار تارقىتىلدى. خەيرلىك دۇئالار قىلىندى ۋە يېمەك زىياپىتى بېرىلدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەمئىيەت باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق ۋە ئىشتىراكچىلارنى زىيارەت قىلدۇق.