0:00 / 0:00
نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 3 تە باشلىنىپ5 تە ئاياغلاشتى. تۈرلۈك لوزۇنكا ۋە پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار شوئارلارنى توۋلاپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلدى. خىتايلارنىڭ 60 يىلدىن بىرى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى، ناھەق ھۆكۈمنىڭ قۇربانلىرىنىڭ ئىسمى چاقىرىلىپ، ئەركىنلىك بېرىلىشى تەكىتلەندى.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىزدە بۈگۈنكى كۈننىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى.