گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى بايرامنى تەبرىكلىدى

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، گوللاندىيىنىڭ خارلىم شەھىرىدىكى بىر زالدا جەم بولۇپ، ئىككى بايرامنى تەڭ قۇتلۇقلىدى.

0:00 / 0:00

پائالىيەت ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمىدىن تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. ئاندىن قۇربان ھېيت بايرىمى ۋە جۇمھۇرىيەت بايرىمى ھەققىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن ساۋاتلار ئاڭلىتىلدى. ئاندىن، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىدا تەربىيىلىنىۋاتقان كىچىك ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئىجراسىدا «شەرقىي تۈركىستان ئۆسمۈرلەر مارشى» ناملىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىندى ۋە ئۇلارنىڭ ئانا تىلى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار تەربىيىسى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتقان پىداكار ئۇستازلارغا مىننەتدارلىق مۇكاپاتى تارقىتىلدى. كېيىن دۇتار بىلەن ئورۇندالغان ئىنقىلابى ۋە دىنى ناخشىلار تەقدىم قىلىندى.

gollandiye-jumhuriyet-kuni1-385.jpg
ئىككى بايرامنىڭ خۇشاللىقىغا جور بولۇۋاتقان ئوماق بالىلار. 2011-يىلى 12-نويابىر، گوللاندىيە. (RFA/Pidaiy)

ئاخىرىدا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ بىر يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلىتىلدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى سائەت 2 يېرىمدا باشلىنىپ، 6 دە ئاخىرلاشتى. 100 گە يېقىن ئىشتىراكچىلارنىڭ 30 دىن ئارتۇقراقى كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، غەمسىز بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئانا تىلىدا چۇرۇقلىشىپ ئوينىشىشلىرى باشقىچە تۇيغۇ بېغىشلىدى.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بەزىلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاتتى.