ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گوللاندىيىدىكى تۈرلۈك جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى يېتەكچىلىكىدىكى ئاكتىپ ئەزالار بىلەن نورمال ئاۋام-پۇقرالاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇ يەرمەنكە، تېلبۈرخ شەھىرىنىڭ كاتسىھەۋفېل كەنتىگە جايلاشقان بىر ساياھەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى.
يەرمەنكىگە ساياھەتچى يەرلىك ئاممىلارمۇ كەلدى ۋە بۇ كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەتنىڭ يادنامىلىرىنى سەيرە قىلدى. تۈرلۈك شەكىل ۋە ئۆزگىچە تەمدە پىشۇرۇلغان مول يېمەكلىرىدىن ۋە خاسلىقلىرى نامايان قىلىنغان زىننەت بۇيۇملىرىدىن سېتىۋالدى. ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

ئۇيغۇر دوپپىسىنى سېتىۋالغان گوللاندىيىلىك بىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
-كىمسىز؟
- ئىسمىم لاۋغان، لاۋغان كانتور يانسسى.
-ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟
-ھە... ئازراق بىلىمەن.
-دوپپىنى نېمە ئۈچۈن سېتىۋالدىڭىز؟
-مەن ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلار ۋە مەركىزى ئاسىيا مىللەتلىرىگە ئالاقىدار تارىخ، تىل-يېزىق، دىن، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە قىزىقىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن.
-ئۇيغۇرلارنى قاچاندىن باشلاپ بىلىسىز؟
-بەلكى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىم بولسا كېرەك. 25-30 ياشلىرىمدىن باشلاپ، جۇڭگودىكى خىتايلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقەلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن كېيىنكى ۋەقەلەردىنمۇ خەۋىرىم بار.
-سىز ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بارغانمۇ؟
-ياق. بېرىپ باقمىدىم. ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى پەقەت كىتابلاردىن ۋە ئىنتېرنېتلاردىن ئىگىلىدىم. ئەمما بىر بېرىپ كۆرۈپ كېلىش ئارزۇيۇم بار.

يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى يېتەكچىسى مەمەتجان ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە سۆز قىلىپ: بىزنىڭ ئىشلىرىمىز 2009- يىلى باشلانغان. بۈگۈنگە قەدەر كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدۇق. بۈگۈن تېلبۈرخ رايونىدىكى بۇ ساياھەت مەركىزىدە گوللاندىيىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ چوڭ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق. مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ۋە گوللاندىيىدىكى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەمكارلىشىشى ۋە دوستلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
گوللاندىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى باشلىقى سادىقجان، كۆن تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
قىزغىن كەيپىيات ۋە دوستلۇق كۈلكىلىرى ئىچىدە 5 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان يەرمەنكە پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 12 دە باشلىنىپ، 18 دە ئاياغلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت ئۇچرىشىشلىرى گوللاندىيىنىڭ يەرلىك قانۇنلىرىغا كۆرە قوللاپ قۇۋۋەتلىنىدىغان تۈرلەردىن بولۇپ، بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئېگە كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى بۇ خىل ئورۇنلاردا ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلىپ ئالقىشلانماقتا ۋە تېخىمۇ ياخشى تونۇلماقتا.