گوللاندىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسى

ياۋروپادىكى گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنماسلىقى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك سىياسىي بېسىملار سەۋەبىدىن، چەتئەللەرگە ئوقۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چىققان ئۇيغۇرلار ئۆزى چىققان دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلىق تىلەش يولى ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەردە ئولتۇرۇم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. ئەمما يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنماي بەزىلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

ئامېرىكا ھەم ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ھازىرچە ئۇنداق قىسمەتكە يولۇقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپادىكى گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنماسلىقى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئورگىنى 22-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپاغا قېچىپ چىققان 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنماي خىتايغا قايتۇرۇلسا، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، ھەر خىل ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

گوللاندىيىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى 2-قېتىم رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بايانىدا ئۆزىنىڭ گوللاندىيىگە كەلگەن 3 يىلدىن بۇيان، گوللاندىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى داۋاملىق قوبۇل قىلىنماي مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، مەزكۇر ئەللەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، خىتايغا قايتۇرۇلسا ھېچقانداق خەتەرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشتىن ئىبارەت ئەندىشە ئىچىدە قالغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىق ئېھتىمالى بارلىقى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بايانىدا يەنە نۆۋەتتە گوللاندىيىدىكى بىرقانچە مۇساپىرلار لاگېرىدا ئۆزىگە ئوخشاش سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنماي تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپلۈكىنى بىلدۈرۈپ، لاگېردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىگە ھەتتا 5-6 يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىدىكى سەۋەب چۈشەندۈرۈلۈپ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىزلىكى ياكى تولۇق خەۋەردار ئەمەسلىكى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىكلىگۈچىلىرىنىڭ دېلوسىنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشىدا تەرجىمانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان گوللاندىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار 1000دىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنىپ، گوللاندىيىدە ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە گوللاندىيىدىكى بىرقانچە مۇساپىرلار لاگېرىدا ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنمىغىنى ئۈچۈن، بىرقانچە يىلدىن بۇيان لاگېردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار يەنىلا خىلى كۆپ ئىكەن.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىلتىجا ئىشىدا تەرجىمانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشى يەنە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ھەر ۋاقىت گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىشىدا ئاكتىپ رول ئويناپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ھالەتتىمۇ،گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى قوبۇل قىلىنمىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شۆبە تەشكىلاتلىرى گوللاندىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتايغا قايتۇرۇلسا ھەر خىل خەۋپ-خەتەرلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە قارىتا، ئىزچىل ھالدا ئىسپات قەغىزى چىقىرىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئارقىغا سۈرۈلگەن ھالەتتىمۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپى يەنىلا ئىنتايىن ئاز بولماقتا.