گوللاندىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مارافونچە نارازىلىق نامايىشى باشلاندى

يېقىندا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش ئىشتىراكچىلىرى، بارىن ئىنقىلابىنى ئەسلەش ، بۇ يىل 3 ‏- ئايدا خوتەندە تېنچ نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەمدە خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە لايىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان.

0:00 / 0:00

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتنى، ئولىمپىك مۇراسىمى بېيجىڭدا رەسمىي ئېچىلغانغا قەدەر يەنى 8 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىگە قەدەر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۈر نامايىشقا 'مارافونچە نارازىلىق نامايىشى' دەپ نام بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى ۋە تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولغان سابىت ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدى.