گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى ئۈچۈن تەييارلانماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدەك ئورگانلارنىڭ سەپەرۋەرلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەشكە جىددىي تەييارلانماقتا.

0:00 / 0:00

جۈملىدىن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتكەن بولۇپ، نامايىش گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بولىدىكەن.

ئىككى يىل ئىلگىرى يەنى 2009‏-يىلى 6‏-ئىيۇل گوللاندىيىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا، ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسىغا تاش ئېتىپ زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشىغا گوللاندىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىجازەت بېرىلمەي كەلگەن ئىدى.

بۇ قېتىم تەشكىلاتلار يېتەكچىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىنىڭ تەكرار تېرىشچانلىقى بىلەن رۇخسەت بېرىلىپتۇ. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇچۇر ئىزدەپ سادىقجاننى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە نامايىش 7‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى سەيشەنبە شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 4 كېچە ئىككى سائەت داۋام قىلىدىكەن.