5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە نامايىش

2011‏-يىلى 5‏-ئىيۇل گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلىنىپ، 4 تە ئاياغلاشتى. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نامايىش بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەت باشتىن ئاخىرى جانلىق ۋە روھلۇق ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشچىلار تۈرلۈك مەزمۇنلاردا شوئارلارنى توۋلىدى، ئۆزلىرى يېزىپ كەلگەن جەڭگىۋار شېئىر ۋە خىتابلىرىنى ياڭراتتى. مىللىي قىياپەتلىرى بىلەن تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن بوۋاقلار ئالاھىدە دىققەت چەكتى.

gollandiye-namayish-5-iyul2-385.jpg
5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە بولغان نامايىش. 2011‏-يىلى 5‏-ئىيۇل. (RFA/Pidaiy)

تەشكىلاتلار يېتەكچىسى سادىقجان سەلەي ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىلەر نامايىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ياشلار ۋەكىلى ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلدى.