گوللاندىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش

ھەرقايسى دۆلەتلەردىن «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كەلگەن ئۇيغۇرلار 28-ئىيۇل گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشچىلار باشتىن ئاخىرى شوئار توۋلاپ ئۆزىنىڭ خىتاي دىكتاتورىلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى غەيۇر ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەر نامايىش ۋە پائالىيەت ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى بايان قىلدى.