گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائىتىنى خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىردى

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 63‏-يىللىق دۆلەت بايرىمى كۈنىدە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئامىستېردامدىكى مەشھۇر دام مەيدانىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ تالان-تاراج قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى ۋە دۇنيا جامائىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

0:00 / 0:00

«گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر پائالىيەت 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ رەتلىك ۋە سىستېمىلىق ماسلىشىشىدا، شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 1 دىن 3 قەدەر 2 سائەت داۋام قىلدى.

ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى ۋە ئۆزلىرى ياساپ كەلگەن پلاكاتلىرى بىلەن «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان چوڭ لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈپ، جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ مەيداننى لەرزىگە سالغان نامايىشچىلار، باشتىن ئاخىرى قىزغىن كەيپىياتتا، ئاكتىپ روھىي- ھالەت بىلەن جانلىق نامايىش قىلدى.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئامىستېردامدىكى مەشھۇر دام مەيدانىدا نامايىش قىلدى. 2012-يىلى 1-ئۆكتەبىر، گوللاندىيە.
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئامىستېردامدىكى مەشھۇر دام مەيدانىدا نامايىش قىلدى. 2012-يىلى 1-ئۆكتەبىر، گوللاندىيە. (RFA/Pidaiy)

شوئارلار ئارىسىدا ئىنگلىزچە، گوللاندچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە باياناتلار ئوقۇلدى. «گوللاندىيە ياشلار پارتىيىسى تەشكىلاتى» ۋە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە جامائەت ئاكتىپلىرى بەس-بەس بىلەن نۇتۇقلار سۆزلىدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى نامايىش بۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.