2012-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ھارلىم شەھىرىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ۋە خىتاي كېڭىشى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەمكارلىق يىغىنى پائالىيىتىگە قاتناشتى. پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي ۋە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەسقەرجانمۇ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دىن، كەچ سائەت 8 گە قەدەر داۋام قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خىتاي ئاكتىپلىرى بەس-مۇنازىرە قىلىپ، نۆۋەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە كەلگۈسىدىكى ئىستىقباللىرى تېما قىلىنغان مەزمۇنلاردا پىكىر بايان قىلدى.
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورتاق نۇقتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە ھەممە مىللەت ئۆز تەقدىرىنى، ئۆزى بەلگىلەشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشتى. سۆھبەت ئارىلىقىدا ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىلىرى ئاساس قىلىنغان ئىجادىي ناخشىلىرى بىلەن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرگە ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان گوللاندىيىلىك خەلق ناخشىچىسى ھاررىي ئەپەندى خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرى تەنقىد قىلىنغان بىر ناخشىسىنى ئوقۇپ بەردى.
كەچلىك غىزادىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىملەر كۆرسىتىلىپ، ئەركىن تېمىلاردا مۇنازىرىلەر بولۇندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ۋە سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەسقەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يېغىنغا قاتنىشىشتىكى مەقسەتلەر ۋە بۇ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجابىي-سەلبىي تەرەپلىرىدە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى ھەققىدە توختالدى.
«ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ۋە خىتاي كېڭىشى» تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تەشكىلاتقا موڭغۇل پائالىيەتچىسى تېمتشىلتۇ ئەپەندى رەئىس، بەختىيار ناسىر ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.
