'5- فېۋرال' مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە نامايىش، پاكىستاندا خەتمە قۇرئان

بۇنىڭدىن 13 يىل ئاۋۋالقى مۇشۇ كۈندە غۇلجىدا ئۇيغۇر ياشلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە، دىنىي چەكلىمىلىرىگە، مىللىي كەمسىتىشلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان. ۋەقەدىن كېيىن مىڭلارچە ياش تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يۈزلەرچە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.02.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Gollandiyide-namayish-5-fewral-2010-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ " 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﻧﯩﯔ 13 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Shohret Hoshur

بۈگۈن بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەپ گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ۋە يەرلىك گوللاندىيىلىكلەر بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ناسىر بۈگۈن نامايىشنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. نامايىشتىن كېيىن بىر گۇرۇپپا ياشلار يېقىن ئەتراپتىكى مەسچىتكە بېرىپ، مەسچىتتىكى جامائەتكە 5‏ - فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
Pakistanda-5-fewral-xatirisi-2010-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ "5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﻧﯩﯔ 13 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺧﻪﺗﻤﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.
RFA photo / ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۈگۈن يەنە ، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى 5 ‏- فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتتە 5 ‏-فېۋرال ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ۋە شېھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار ئوقۇلغان.

پاكىستاندىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا بىر قىسىم مەدرىس ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.