بۈگۈن بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەپ گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ۋە يەرلىك گوللاندىيىلىكلەر بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ناسىر بۈگۈن نامايىشنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. نامايىشتىن كېيىن بىر گۇرۇپپا ياشلار يېقىن ئەتراپتىكى مەسچىتكە بېرىپ، مەسچىتتىكى جامائەتكە 5 - فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

بۈگۈن يەنە ، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى 5 - فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتتە 5 -فېۋرال ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ۋە شېھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار ئوقۇلغان.
پاكىستاندىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا بىر قىسىم مەدرىس ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.