گوللاندىيە پارلامېنتىدا 20 ئۇيغۇر ۋە بىر ئۇيغۇر قىز مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئۆتكەن ئايدا 20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە يەنە گوللاندىيىدە بىر ئۇيغۇر قىزى خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغان. ئۇ ئۇيغۇر قىز، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېلىنغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن گوللاندىيە پارلامېنتىدا 20 ئۇيغۇر ۋە بىر قىز مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. مەسىلىنى گوللاندىيىدىكى سوتسىيالىست پارتىيىنىڭ باشلىقى Harry Van Bommel ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ دۇنيادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقىنى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭمۇ كامبودژانى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەنقىد قىلغانلىقىنى، ئەمما، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان گوللاندىيىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىدە كامبودژا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى تەكرارلىغىلى تاس قالغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

يىغىندا، گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن ئالبايراق سۆز قىلىپ، مەزكۇر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ھاررىي بومەل يەنە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان.

گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن، گوللاندىيىدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى پارلامېنت ئەزاسى ھاررىي بومەل بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ كۆرۈشۈشنىڭ جەريانى ھەققىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن زەينىدىن تۇرسۇن بىزگە مەلۇمات بەردى.

ھاررىي بومەل گوللاندىيىدىكى سوتسيالىست پارتىيىنىڭ باشلىقى، بۇ پارتىيىنىڭ نۆۋەتتە گوللاندىيە پارلامېنتىدا 25 نەپەر ۋەكىلى بولۇپ، 150 كىشىلىك گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ قارارلىرىدا كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە. پارتىيە باشلىقى ھاررىي بومەل ئۆتكەن يىلى پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققىتىنى بەرمەكتە. ئۇ بۈگۈنكى يىغىندىن چىققاندىن كېيىن، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بۈگۈنكى يىغىننىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەرگەن؛ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بەختىيار ناسىر بىزگە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.