ئاللاھقا باغلانغان قەلبلىرى، ئىسلامغا ئۇيغۇن ئەمەللىرى، ئۆزى، مىللىتى ۋە ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بېغىشلانغان دۇئايى-سالاملىرى، خالىسلىقتا بەسلەشكەن چىن ئىخلاسلىرى بىلەن ئىبادەت قىلىۋالغان بۇ ئۇيغۇرلار، بۇ كېچىنىڭ بەرىكىتىدىن بىر ئۈلۈش نېسىۋىسىنى ئالغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

كېچە سائەت 12 يېرىمدىن باشلانغان قېيامۇللەيلى ئارىسىدا ۋەز-نەسىھەتلەر، سوئال-جاۋابلار ۋە دۇئايى-تەكبىرلەرنىڭ ھوزۇرى تاكى سوھۇر ۋاقتىغىچە داۋام قىلدى. سوھۇرلۇقتىن كېيىنكى قىسقا پۇرسەتتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىكى ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
پائالىيەت تەشكىللىگۈچى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىمۇ، ئىشتىراكچى قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلەنگەنلىكى ۋە بۇندىن كېيىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەشكە تېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» رەھبىرى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان روزا ھېيت بايرىمى پىلانىدىن ئۇچۇر بېرىپ: بۇ يىلقى ھېيت پائالىيىتىنى باشقىچە قىلماقچىمىز. پۈتۈن گوللاندىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دائىرىدە گۇرۇپپىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيت پەتىسى قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئاللاھ نېسىپ قىلسا چوقۇم ياخشى بىر ھېيت بولىدۇ... دېدى.
ئۇلار ئۆتكەن ھەپتىمۇ 400 كىشىلىك ئىفتار زىياپىتى بەرگەن ۋە ئۆتكەن يىلقى رامىزاننىڭمۇ ئاخىرقى بىر تاق كېچىسى مۇشۇنداق ئىبادەت پائالىيىتى تەشكىللەپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.