رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تۈزۈمگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى گوللاندىيىدە كۆردۈم

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە كەلگەن رەھبىرى ھەيئىتى 20-يانۋار گوللاندىيە پارلامېنتىدا ۋە گوللاندىيە دىيانەت مەركىزىدە بولغان ئىدى. 21-يانۋار بولسا ئامىستېردامنىڭ سلوتېردەيكتىكى بىر مەرىكە زالىدا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار بىلەن جەم بولدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011-01-24
Share
duq-ehberliri-gollandiyediki-uyghurlar-bilen-ittipaqliq-hatirisi-qaldurdi-305.jpg دۇق رەھبەرلىرى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاقلىق خاتىرىسى قالدۇردى. 2011-يىلى 21-يانۋار.
RFA/Pidaiy
رەتلىك، تەرتىپلىك، ئاجايىپ بىر تۈزۈم بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەت مەيدان ئەھلىنى خۇرسەن قىلدى. پىداكار ياشلارنىڭ نەق مەيدان ئىجراسىدا دۆلەت مارشى ئوقۇش بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتتە، تەلەپكە بىنائەن رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەت زىيارىتىگە تەشكىللەنگەن ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى جانلىق نۇتۇقلىرى ۋە خىتابلىرى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ھاياجانغا سالدى ۋە جەلپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم كىرىش سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: سوغۇققا ۋە يولنىڭ ئۇزاقلىقىغا باقماستىن، بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت.

ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "ياۋروپادىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۇمتۈرك ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: "ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىتتىپاقلىشايلى!"

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا: "ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئورنى گوللاندىيە بولۇپ قالغۇسى... " دېدى.

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇل مۇدىرى پەرھات يورۇڭقاش: "ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىگە نىسبەتەن بىر مۇھەببىتىمىز، ۋەتەن-مىللىتىمىزنىڭ دەۋاسىغا نىسبەتەن بىر بەدىلىمىز بولمىسا، ھايۋاندىن پەرقىمىز يوق." دېدى.

gollandiyediki-uyghurlar-Istiqlal-marshi-oqumaqta-385.jpg
2011-يىلى 21-يانۋار، ئامىستېردامنىڭ سلوتېردەيكتە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ ئىستىقلال مارشى ئوقۇماقتا.
RFA/Pidaiy
رەھبەرلەر 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنى شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈرك مىللەت ۋەكىلى ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەپەندىنىڭ پائالىيەت زالىدا كەچلىك زىياپەتكە داخىل بولدى.

زىياپەتكە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان تۈرك سىستېمىسىدىكى ھەرساھە بىلىم ئادەملىرىدىن نەچچە يۈز ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار گوللاندىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى غوللۇق ئادەملەردىن ئىكەن. ھەممىسى دېگۈدەك رابىيە خانىمنىڭ شەرىپىگە سۆز قىلدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەسىرلىك نۇتۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

رەھبەرلەر بۇ زىياپەتتىن قايتىپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن كەچلىك يېغىن ئۇيۇشتۇردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت