ئۆتكەن قېتىم يۈز بەرگەن گوللاندىيىدىكى مەلۇم بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ئەكبەرجاننىڭ خىتاي ياتاقدىشى تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ يارىلىنىش ئەھۋالى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش ئورنى بولغان پاناھلىنىش لاگېرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ۋە خىتايلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىق ھەققىدە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارغا قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلار ھەققىدە ساۋات بېرىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، 6-مارت گوللاندىيىدىكى مەلۇم بىر لاگېردا بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىنغا مۇساپىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ۋە ئادۋوكاتلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلار چۈشەندۈرۈلگەن. مۇساپىر ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال قويۇپ، ھەل قىلىنىش چارىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.