ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىي ۋە دىنىي تەلىم بېرىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

گوللاندىيىدىكى بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا دىنىي تەلىم بېرىش، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىش ۋە دىنىي ساۋات بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئۆز-ئارا دىدارلىشىپ، دوستلىشىپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئايلىق سۆھبەت پروگراممىسى ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى شەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئايلىق پروگرامما 21-ماي شەنبە ھارلىم شەھىرىدىكى بىر جامىينىڭ زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتتە ئالدى بىلەن قۇرئان تەپسىر قىلىندى. ئاندىن ھەدىس شەرھلەندى. ئاخىرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ (س،ئە) تارىخىدىن قىزىقارلىق ۋە ھېكمەتلىك ۋەقەلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان ئارىيە بېرىلدى. ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئارىلىقتىكى قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىشتا يېمەك تارقىتىلدى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆز-ئارا ھال-ئەھۋاللىشىپ مۇڭدىشىشلار، ئەركىن-تېمىلاردىكى بەس-مۇنازىرىلەر تاكى ئاخشام نامىزىغىچە داۋام قىلدى. بىر كۈنىنى مەنىلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈۋالغان ئىشتىراكچىلار كېلەر ئايلىق سۆھبەتتە دىدارلىشىشقا كېلىشىپ تارقىلىشتى.

پروگرامما ئاخىرىدا « ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان پائالىيەتلەر ۋە خانىم-قىزلىرىمىزغا ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تەلىم بېرىشنى ئاساس قىلغان يېڭى پىلانلاردىن ئۇچۇر بەردى.

خانىم-قىزلارنى ئاساس قىلغان ئىنتېرنېتتىكى دەرس، سكايپى مەسسەنجەرى ئارقىلىق ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ كىرىشىگىمۇ بولىدىكەن.

ئادرېسى: d-maarip@skaype.Com