2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دەنھاخ شەھەرلىك مەركىزى پويىز ئىستانسىسىدىن خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا قەدەر سوزۇلغان 5 كىلومېتىرلىق مۇساپىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بىنالاردا تۇرۇۋاتقان ۋە يوللاردا كېتىۋاتقان گوللاند خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدى.
ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى، پلاكات ۋە لوزۇنكىلىرى بىلەن پىيادە يۈرۈش قىلىپ، شوئارلارنى ياڭرىتىپ ۋە تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ مېڭىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قويۇلغان تۆمۈر توسۇقلارغىچە قىستاپ كەلگەن نامايىشچىلار، ئۇ يەردە قايتىدىن سەپ تۈزدى.
«گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»، «گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى تەشكىلاتى» ۋە «تىبەت ئەركىنلىكى تەشكىلاتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارغا ۋە شەخسلەرگە ۋاكالىتەن باياناتچىلار چىقىپ، گوللاندچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە باياناتلىرىنى ئوقۇدى ۋە نامايىشچىلار ماسلىشىپ شوئارلار توۋلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى خىتايلارنىڭ زۇلۇمدا تەقدىرداش قىسمەتلىرى بىلەن قۇچاقلاشقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل مىللەتلىرىنىڭ ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى بىر - بىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ، خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ ھازىرلىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينى دېموكراتلاشتۇرۇش ئىدىيىسىدىكى خىتاي ئاكتىپلىرىمۇ بۇ سەپتە يەر ئالماقتا. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكىمۇ «تىبەت ئەركىنلىكى تەشكىلاتى»نىڭ ئاكتىپلىرىدىن 20 گە يېقىن تىبەت نامايىشچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بايرىقى بىلەن كىيىملىرى كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىغا رەڭ بەردى.
شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ئىككىدىن، تۆتكە قەدەر داۋام قىلغان ئىككى سائەتلىك نامايىش بىلەن، گوللاندىيىنىڭ سىياسىي پايتەختى دەنھاخ شەھىرىدە، ئاي - يۇلتۇزلۇق بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، جاراڭلىق شوئارلار بىلەن كوچىلارنى لەرزىگە سالغان، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي ۋە ئىمانىي بۇرچىنى ئادا قىلغان ئۇيغۇرلار: بۇ يىلقى «5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان نامايىش بولدى، دەپ، بىر - بىرىگە مەدەت بېرىشكەن ۋە كەلگەن قەدەملىرىدىن رازى بولۇشقان ھالدا قايتىشتى.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا گوللاندىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ ئون نەچچە كىشى ئايرىم مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇپ، بۈگۈنكى نامايىشتا ئىپادىلەنگەن ئىتتىپاقلىقىدىن سۆيۈنگەن ھالدا، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، يىللىق ۋە پەسىللىك، مۇقىم ۋە قەرەلسىز، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى بارلىق پائالىيەتلەردە ئۆز - ئارا مەسلىھەتلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىق تارىخىغا يېڭى بەت ئېچىش ئۈچۈن ئاتلاندى.
0:00 / 0:00