بۇ گۇرۇپپا ئەزالىرى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش ئورۇنلىرى بولغان لۈتېلخەيس، درونتىن ۋە كىرايلو قاتارلىق لاگېرلارنى ئايلىنىپ، شۇ لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.
مەزكۇر سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىدىن خەلچەم خانىم بۇ سۆھبەت ھەققىدە ئۇچۇر بەردى ۋە ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە، ياش ئەۋلادلارنىڭ يېتەكلىنىشىدىكى زۆرۈرىيەتلەر ۋە تەشكىلىي ئورگانلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلەر ھەققىدە توختالدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بۇ 6 كىشىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئىلىپ بارغان زىيارەت پائالىيىتىدە، ئىلتىجا ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋە قايتۇرۇلۇش ھۆكۈمىگە قارشى ئىلاجسىز قىلىۋاتقان ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ماتېرىيال توپلىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ماتېرىياللار مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتتە گوللاندىيە مىنىستىرلىقىغا سۇنۇلىدىكەن. سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.