0:00 / 0:00
2010-يىلى 22-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى ئەتىگەندىن كەچكىچە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، گوللاندىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدا مەخسۇس ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى ۋە ئۇلارغا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلىق ھۆججەتلەرنى سۇندى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە ئۆچۈر بەردى.