ئامىستېردامدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبى 2‏ - قېتىملىق يېغىن ئۇيۇشتۇردى

6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سان - ساناقسىز كىشىلەر گوللاندىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىسىدىن كەيىپ سۈرۈۋاتقاندا، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبى جىددىي يېغىن ئاچتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.06.15
Gollandiye-Uyghur-yardem-kulubi-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺧﺎﺭﺭﻯ ﻓﺎﻥ ﺑﻮﻣﻤﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ(ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ) ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Pidaiy

يىغىندا 5 - ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نارازىلىق نامايىش پائالىيىتىنىڭ كونكرېت پىلان - لايىھەلىرى ماقۇللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا خىزمەت تەقسىم قىلىندى. ھەممە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

يۇمىلاق ئۈستەلگە يىغىلغان ھەر قايسى ساھەنىڭ ئاكتىپلىرى بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولالايدىغان ھەر ساھە ئەھلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىقتىدارلىق شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ھەمكارلىشىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.

يېغىنغا كۇلۇب ئەزالىرىدىن 20 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. يېغىن شۇ يەر ۋاقتى 7 دە باشلىنىپ بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلىپ، كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋاقتىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

'ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبى'' گوللاندىيىدىكى ئە س پ سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق رولچىلىرىدىن بولغان خاررى فان بوممىل ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىل 4 - ئاينىڭ19 - كۈنى ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يېغىن زالىدا قۇرۇلغان ئىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۇلۇب ئەزالىرىنى ۋە خاررى فان بوممىل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.