يىغىندا 5 - ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نارازىلىق نامايىش پائالىيىتىنىڭ كونكرېت پىلان - لايىھەلىرى ماقۇللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا خىزمەت تەقسىم قىلىندى. ھەممە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.
يۇمىلاق ئۈستەلگە يىغىلغان ھەر قايسى ساھەنىڭ ئاكتىپلىرى بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولالايدىغان ھەر ساھە ئەھلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىقتىدارلىق شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ھەمكارلىشىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
يېغىنغا كۇلۇب ئەزالىرىدىن 20 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. يېغىن شۇ يەر ۋاقتى 7 دە باشلىنىپ بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلىپ، كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋاقتىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.
'ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبى'' گوللاندىيىدىكى ئە س پ سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق رولچىلىرىدىن بولغان خاررى فان بوممىل ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىل 4 - ئاينىڭ19 - كۈنى ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يېغىن زالىدا قۇرۇلغان ئىدى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۇلۇب ئەزالىرىنى ۋە خاررى فان بوممىل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.