گوللاندىيىدە ئۇيغۇر ياشلىرى پائالىيەت ئېلىپ باردى

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ياشلار 21 ‏- ماي كۈنى ئامىستېردام شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز - ئارا تونۇشۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئۆگىنىش شوئارى ئاستىدا پىكىرلەشتى.

0:00 / 0:00

شۇ كۈنى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىگىتلىرى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن يېمەكلىرى بىلەن غىزالىنىپ، ناخشا - ئۇسۇل، كۈلكە - چاقچاقلىرى بىلەن يىگىتلەرگە خاس قىزغىن كەيپىياتتا سورۇننى قىززىتىپلا قالماي، گوللاندىيىدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ تۈرلۈك يوللىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

يىراق - يېقىندىن كەلگەنلەر ئۆز - ئارا تونۇشۇپ دوستلاشتى. ۋېلىسىپىت ماھىرى تاھىرجاننىڭ ماھارىتىدىن زوقلاندى. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تۈرلۈك ژانىردىكى كىتابلار تارقىتىلدى.

گوللاندىيىدە قۇرۇلغان "

ئالغا باس پۇتبول كوماندىسىOpens in new window ]

" تونۇشتۇرۇلدى. 7 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىلىشتا، يەنە داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ئۆز - ئارا ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنۇلدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلار يىغىلىشىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.