شۇ كۈنى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىگىتلىرى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن يېمەكلىرى بىلەن غىزالىنىپ، ناخشا - ئۇسۇل، كۈلكە - چاقچاقلىرى بىلەن يىگىتلەرگە خاس قىزغىن كەيپىياتتا سورۇننى قىززىتىپلا قالماي، گوللاندىيىدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ تۈرلۈك يوللىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
يىراق - يېقىندىن كەلگەنلەر ئۆز - ئارا تونۇشۇپ دوستلاشتى. ۋېلىسىپىت ماھىرى تاھىرجاننىڭ ماھارىتىدىن زوقلاندى. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تۈرلۈك ژانىردىكى كىتابلار تارقىتىلدى.
گوللاندىيىدە قۇرۇلغان "
[ ئالغا باس پۇتبول كوماندىسىOpens in new window ]
" تونۇشتۇرۇلدى. 7 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىلىشتا، يەنە داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ئۆز - ئارا ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىش ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنۇلدى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلار يىغىلىشىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
