گوللاندىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋىرىنى خىتاي گېزىتى ئۆزگەرتىپ ئىلان قىلدى

گوللاندىيىدە خىتاي تىلىدا چىقىدىغان "جۇڭگو ئۇنۋېرسال سودا گېزىتى" دە ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر پارچە ماقالە ئىلا قىلىنىغاندىن كېيىن، ماقالىدە دېيىلگەن بەزى مەزمۇنلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سەلبىي تەسىر قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ‏ - ئارا سوغۇق مۇنازىرلەردە بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00

گەرچە ماقالە مەزمۇنى گولاندىيە خان جەمەتى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سىگرىت دېتېرىسنىڭ "گولاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى غەيرەت روزى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلىلەردە زىيارەت جەريانىدا دېيىلمىگەن مەزمۇنلار قوشۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن گوللاندىيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت - ئىتىبارىنى قوزغىغان.

"گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاش جەمئىيىتى" مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا گوللاندىيدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان يەنە بىر جەمئىيەت بولۇپ، ئىش باشلىغان قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە گوللاندىيىدىكى ئاخبارات ساھاسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتلەردە بولۇپ كىلىۋاتقان جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن گوللاندىيە خان جەمەتى رادىئوسىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، رادئىو دېرىكتورى ئاردى بائوۋۋېرس ۋە مۇخبىر سىگرىت دېتېرىس بىرلىكتە 1 - سېنتەبىر كۈنى يىغىن چاقىرىپ، ئۆزلىرى ئىلان قىلغان زىيارەت خاتىرىسىنىڭ خىتاي گېزىتى تەرىپىدىن قانداق قىلىپ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ كىتىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي ئېنىقلىما بەرگەن.

يىغىنغا گوللاندىيىدىكى بىر قىسم ئۇيغۇرلاردىن سىرت گوللاندىيە تۈرك جامائىتىگە ۋاكالىتەن بىلىش قارا دېڭىز ئەپەندىمۇ قاتناشقان.

يىغىندىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىلىش قارادېڭىز ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:"مەن يىغىنغا تەرەپسىز سالاھىيىتىم بىلەن شاھىد بولدۇم، يىغىندا رادىئو خادىملىرى ئۆزلىرى ئىلان قىلغان خەۋەر بىلەن خىتاي تەرەپ ئىلان قىلغان ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەردىكى بەزى سۆزلەردىن قانداق قىلىپ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ كەتكەنلىكىگە ئېنىقلىما بەردى ۋە پات يېقىندا رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق بۇ ھەقتە گوللان ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا بىر پارچە خەۋەر بېرىدىغانلىقلىرىدىنمۇ خەۋەردار قىلدى."

گوللاندىيە خان جەمەتى رادىئوسىنىڭ زىيارەت ئۇبىكتى بولغان غەيرەت روزى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

بۇنداق ئىش تېخى يېقىندىلا بوشۇن تور بېتىنىڭ مۇخبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار بۆلۈمى باشلىقى ئىلشات ئەپەندىنى زىيىارەت قىلغاندىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، كېيىن مۇخبىر تور يۈزىدە ئىلشات ئەپەندىدىن ئاشكارا ئەپۇ سورىغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.