د ئۇ ق ۋەكىلى ياۋروپا بىرلىكى ۋە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.05.05
2010.05.05

RFA Photo / Ekrem
5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە گوللاندىيىگە يېتىپ كېلىپ، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
ھازىرمۇ گوللاندىيىدە پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 - ماي كۈنى ئۇ ياۋروپا كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىلىرىگە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭمۇ دىققەت قىلىش ھەمدە پات ئارىدا ب د ت دا چاقىرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئورتاق ئاۋازدا پىكىر بايان قىلىش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ چىقىشتىن ئىبارەت بولغان.
سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلانغان 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، دىنىي تۈزۈم، پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق كەڭ ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ياۋروپا بىرلىكى خادىملىرىغا تەقدىم قىلغان.
ئۇ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان ھېسداشلىقى ھەم ھىمايىسىنى داۋام قىلدۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 4 - ماي كۈنى گوللاندىيىگە يېتىپ كېلىپ، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە گوللاندىيىنىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەس´ئۇل خادىملىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە نۇقتىلىق ھالدا 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەتكەن.
ئۇ يەنە، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئەينى ۋاقتىدا بەلگىلىك دەرىجىدە دىققەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق، بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ دىققەتنىڭ نەزەردىن كۆتۈرۈلۈشى سەۋەبى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئازا دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ئالدىنقى ئايلاردا ب د ت دا چاقىرىلىدىغان يىغىنلاردا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەيلى ياۋروپا پارلامېنتى ياكى گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خادىملار بولسۇن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن بەلگىلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان بولۇپ، مەزكۇر خادىملار ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس قاناللىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان شۇنىڭدەك د ئۇ ق نىڭ بۇ ساھەدە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنى مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا كومىتېتى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسى مەقسىتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان نۆۋەتتىكى يىغىنلاردا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ياردىمىدە خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
مەلۇمكى، د ئۇ ق خادىملىرى 2009 - يىلى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە ئائىت يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پاكىتلار بىلەن خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
پەرەز قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ب د ت دا چاقىرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان سىياسىتىنى ئەيىبلىشى ئېنىق ئىكەن. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرى بۇ قېتىمقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنىنىڭ ئاساسى تېمىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، د ئۇ ق نىڭ بۇ جەھەتتە ھازىرلىغان ماتېرىياللىرى ۋە پاكىتلىرى خىتاينى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئالدىدا بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئەھۋالدا قالدۇرۇدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.