گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئالاقىدار ئىشلاردا ئىزدەنمەكتە

ئامىستېردامدىكى دۇنيا مەدەنىيەتلىرى ئۆيى بىناسىدا، يېڭى فوندىلار كۈنى تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىلىشقا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت مۇھاجىرلىرى تەشكىلاتلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىلاتىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

0:00 / 0:00

گوللاندىيىدىكى 5 چوڭ فوند قاتناشقان بۇ يىغىندا ئامىستېردامدىكى ھەر قايسى مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇد فوندىلاردىن قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغانلىقى، تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز پىلان-لايىھىلىرىنى قانداق يېزىپ، قانداق سۇنغاندا قوللاشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىندى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاكتىپ پائالىيەتچى غەيرەتجان روزى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.