0:00 / 0:00
يېقىنقى بىر يىلدا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە گوللاندىيىگە كېلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سىياسى پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولماقتا. يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەسلىك مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ لاگېردا ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
شۇڭا گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى، يېقىندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن گوللاندىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىغا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا بېرىپ گوللاندىيىگە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن كەلگەن 70 ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى ۋە قىيىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.