رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت گوللاندىيىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە پارتىيىلەر بىلەن ئۇچراشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردامغا يىغىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئالدى-كەينىدە يەنە گوللاندىيىدىكى سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم كۆرۈشۈشلەرنى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسلىرى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 24-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوللاندىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى مۇئاۋىن باش سېكرېتارى پېتىر ۋاڭگىل (Pieter Van Geel) ۋە پارتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇدىرى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەم گوللاندىيىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۆتۈلدى.

د ئۇ ق ھەيئىتى گوللاندىيە خرىستىئان پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى. 2012-يىلى 24-سېنتەبىر، گوللاندىيە.
د ئۇ ق ھەيئىتى گوللاندىيە خرىستىئان پارتىيىسىنى زىيارەت قىلدى. 2012-يىلى 24-سېنتەبىر، گوللاندىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئارقىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى مەركىزى گوللاندىيىنىڭ دەنھاك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) مەسئۇللىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن بىر سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانداق ھەمكارلىشىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 21 دۆلەتسىز مىللەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر.

رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتكە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئاياغلاشماقچى.