قىلغان. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ۋە ناخشا - مۇزىكىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر داۋاسىنى تونوتقان.
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى باشلىقى غەيرەت ئەپەندى بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بىزگە مەلۇمات بەردى.
بۇ پائالىيەتتە گېرمانىيىدىن مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈرك ياشلىرىمۇ بار بولۇپ ئۇلار قوللىرىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار ۋە بېشىدا ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن كەلگەن ئىكەن.
بىز بۇ پائالىيەتكە فرانكفورتتىن كېلىپ قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئەندەر بىلەنمۇ تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئەندەر ئۆزى گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۈرك ياش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى: " بارغانلىكى يەردە كۆك بايراقنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ قايەرىدە بىر تۈرك خەلقى زۇلۇم چېكىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ چىكىۋاتقان زۇلۇمىنى تونۇتۇش، ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە بىر قىزىقىشىمىز بار. بېرلىندا داۋاملىق پائالىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بىز ئۇيەردە داۋاملىق تۈركىيىنىڭ بايرىقى بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تەڭ كۆتۈرۈپ چىقىمىز. بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىمىزگە بۇ داۋانى تونۇتۇشقا جامائەت پىكرى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىمىزگە تولىمۇ يېقىن ھېس قىلدۇق. بۇ يەردە بىز ئۇيغۇر ئاكىلار بىلەنمۇ تونۇتۇشتۇق، ئۇلارنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمىز."
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە بۇ داۋاغا بولغان تونۇشىنىڭ قاچان، قانداق باشلانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : " مەن 15 ياش ۋاقتىمدا ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن تونۇشقان ئىدىم. بىلگەن ۋاقتىمدا كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولغان، نىمىشقا مۇشۇنداق بىر زۇلۇمنى بىز تۈرك تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قېرىندىشى تۇرۇپ بىلمەيمىز دەپ. بىز گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياشلار. ئەپسۇسكى، گېرمانىيىدە نۇرغۇن تۈرك ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما بىزگە ئوخشاش ياشلارمۇ بار. بىز ئالدى بىلەن بۇ يەردە بىر كىملىك ئىزدىنىشىگە دۇچار بولدۇق. بىز گېرمانمۇ، تۈركمۇ، مۇسۇلمانمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ؟ بىز زادى نېمە؟ ئۆزىمىزگە مانا مۇشۇنداق سۇئاللارنى قويۇش ئارقىلىق ئاخىرى تۈركلەرنىڭ تارىخىغا قاراپ يول ئالدۇق. مانا بۇ جەرياندا بىز تارىخىمىزنىڭ پەقەتلا تۈركىيە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تۈركىيىنىڭ مەدەنىيتىنىڭ، ئىسلام تارىخىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن كەلگەنلىكىنى، يىلتىزىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۆزلۈكىمىزنىڭ غەربتە ئەمەس شەرقتىكى ئاتا تۇپراقلاردا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. بىز بۇنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر دااۋاسىغا ئۆز داۋارىمىزدەك قاراپ ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. بىزگە ئوخشاش باشقا ياشلارغىمۇ بۇنى تونۇتۇشقا ۋە ئۆز كىملىكىنى ئېسىگە سېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز."
ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە فرانكفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زەكى شاھىنگۈلمۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: " مەن شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى بىزنىڭ باشلىقىمىز بولىدۇ. گوللاندىيىدىكى قۇرۇلتايدا قاتنىشىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلىتىشقا، ئۇنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىشقا تىرىشتۇق. مەن ئۆزەم شەخسەن بۇندىن 2 يېرىم يىل ئاۋال شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت بىلەن بارغان ئىدىم. ئۇ يەردە 21 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ئىدىم. بۇ دەۋردە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمغا نىمىشقا دۇنيا قاراپ تۇرىدۇ. مەن شۇندىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بېرىش، ئۆزەمنىڭ ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ داۋاغا ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن."
بىز زەكى شاھىنگۈلنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆرگەن - بىلگەنلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىمىز.