گوللاندىيىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بەزىلىرىنىڭ كەتمەكچى بولغانلىقى مۇنازىرە قوزغىدى

يېقىندىن بىرى گوللاندىيىگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن، كەلگەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ۋە ياكى قايتۇرۇلغانلارنىڭ سانى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 10 غا يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولۇۋاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەتراپىمىزدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بولمىغاچ قايتىپ كەتكەنلەر ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئالالمايۋاتقان ئىدۇق. توساتتىن، يەنە يېڭىدىن قايتىپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلار ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار پەيدا بولدى.

ئىزدىنىش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، بارلىق رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ، قايتىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان مېھرىبان ئابلەت ئىسىملىك بىر قىزنىڭ دېرىكىنى ئالدۇق ۋە ئۇنى زىيارەت قىلدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، مېھرىبان ئابلەت قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيىسىدىن بولۇپ، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى نامەلۇم مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋە مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقى دېگەندەك مەنسەپتىكى مەمۇرلار ئىكەن. ئۇ بۇندىن تەخمىنەن يېرىم يىل ئىلگىرى گوللاندىيىگە كەلگەن بولۇپ، ئىلتىجا تەلەپ قىلىش سۆھبىتىدە مەغلۇپ بولغان ۋە ئىككى ئايچە تۈرمىگە سولانغان. كېيىن ئۈستى ئوچۇق لاگېرغا چىقىرىلغان ۋە ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىق سۆھبەتلىرىدىمۇ غەلىبە قىلالماي، رەتكە ئۇچراپ ئېغىر زەربە يېگەن. ئاخىرى يالغانچىلىقنى قاملاشتۇرالماي قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسەن، بۇ قىز گوللاندىيىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر يىگىت بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشقا پۈتۈشۈپ كەلگەن بولۇپ، يىگىت، قىزنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئازابلىق كۈنلىرىگە لايىقىدا ھەمدەم بولمىغان ۋە ھەتتا مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن. شۇنىڭ ئاچچىقىدا پەيمانى تولغان قىز قەتئىي قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن ئىكەن، دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ، بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن يىگىت تەرەپتىن ئىنكاس ئالغىنىمىزدا ئۇ بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇ قىزغا خالىسانە ياردەمدە بولغانلىقىنى، قىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىز قىزدىن بۇ خىل قايتىپ كېتىش قارارىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە قورقۇنچىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، مۇسۇلماننىڭ مۇھىم بىر سۈپىتى «باشقىلارغا قولى ۋە تىلى ئارقىلىق زىيان يەتكۈزمەسلىكتۇر» دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، قىز ئۆزىنىڭ قايتىپ كېتىشىنى ئىسلامى چۈشەنچىسى ۋە ئىمانى تۇيغۇسى بىلەن «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

بىز سۆھبەت ئېلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا بۇ قىز ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقانىكەن. ئاپتوبۇس ئالمىشىۋېلىشنى باھانە قىلىپ تېلېفوننى ئۈزدى. كېيىن بىز قايتا - قايتا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، قوبۇل قىلمىدى

يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا قاراپ: گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنچىكە كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىقىرىۋاتقان بەزى قارارلىرى، ئۇ خىل كاززاپلارنىڭ چەتئەللەردە كاتتا ياشاش خام - خىيالىغا بېرىلگەن ئەجەللىك تەبىر بوپتۇ. ئەمما بۇ خىل شەخسىيەتچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكى، ھەقىقىي پاناھلىنىشقا تېگىشلىك كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىغا، مۆلچەرلىگۈسىز توسقۇنلۇقلارنى ئېلىپ كېلىشى ھەممىدىن ئېغىر زىيان بولدى، دەپ قارىماقتا.

گوللاندىيىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەھۋال مەلۇم قىلىشى ۋە ماسلىشىشى نەتىجىسىدە ھېس قىلغانلىرىمىزغا ئاساسەن، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بارغانسېرى تەسلىشىۋاتقان ئىلتىجا ئىشلىرىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى، ئانا ۋەتىنىدىن ۋە ئۆز قوۋم - قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ ئاچچىق ئازابلىرى ئېغىر كېلىپ، يات بىر مەدەنىيەتكە كۆنەلمەيۋاتقان، ياشاش شارائىتلىرىنىڭ تۈرلۈك ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقان ۋە ئەينى چاغدا ئىزدەپ چىققان خىياللىرىدىن كۆپ پەرقلىق ھالدا ئۇچراتقان بۇ خىل رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايۋاتقان بەزىبىر ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ قويارمۇ؟ يەنە بىز بىلمەيدىغان قانچىلىك نادانلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشكە ئورۇۋاتقاندۇ؟ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجا تەلەپلىرىنى توپ - توپ رەت قىلىۋېتىشتە، شۇ خىل ساختا ئىلتىجاچىلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىنكى ھايات كاپالىتىنى دەستەك قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ بىر قانچە يىلدىن بىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە،«سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قايتۇرۇلسا بولمايدىكەن» دەپ يەكۈنلىنىپ كەلگەن قارارلاردا ئۆزگىرىش بولارمۇ؟ دېگەندەك تۈرلۈك ئېھتىماللىقلار نۆۋەتتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ھازىر لاگېردا ئىلتىجا تەلىپى رەت قىلىنغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىر نىيەتكە كېلىپ، بۇ خىل كىشىلەردىن ئادا - جۇدا بولۇشقا، ئۇلارغا ۋە خىتايلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىگە قارشى نامايىش قىلىپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدانماسلىقى ئۈچۈن پىكىر توپلاپ، ئۇلارغا تەلەپ سۇنۇشقا جىددىي تەييارلانماقتا.